ياشاش دىمەك ئىزدىنىش دىمەكتۇر ، شۇر جەرياندىكى ئازغىنە خاتىرىلەر ۋە ھاسىلاتلار. ------ د.ئا.ئوغلان
بۈگۈن مەن ۋە ئوغلان سىتۇدىيسىدىكى باشقا ئوغلانلار ئۈچۈن ئالاھىدە كۈن ، 3 يىل ئاۋالقى مۇشۇ كۈندە كۆڭلىمىزگە يۈكسەك ئارزۇ - ئارمانلارنى پۈكۈپ ئوغلان تور تېخنىكا سىتۇدىيسىنى روياپقا چىقارغانىدۇق ، ئەسلىدىكى 2 ئادىمى بار كوللىكتىپتىن ھازىرقى 100 گە يىقىن ئەزاسى بار كوللىكتىپ بولۇپ تەرەققىي قىلدۇق ، گەرچە ئالدىنقى ئۈچ يىلدا بىز بەكمۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بولالمىغان بولساقمۇ يەنىلا چوڭ بولدۇق ، بارا - بارا مۇكەممەللەشتۇق . مەلۇم ئەمەلىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوغلاننىڭ 3 يىللىقىغا ئاتالغان بارلىق پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ، شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئارزۇ - ئارمىنىمىز يوقالغىنى يوق ، بىز داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتىمىز ھەم يەنىمۇ ئىلگىرلەيمىز ! ئۆمرۈڭ تېخىمۇ ئۇزۇن بولسۇن ئوغلان ، كەلگۈسۈڭ تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى ! بارلىق ئوغلانلىقلار ھۇررا ! ئوغلاننىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن ئالغا !!!!!
5-ئاينىڭ 18-كۈنى 16:21 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (0)
ئاسانلا چارچايدىغان بولۇپ قالدىم ، ئەتتىگىنى قوپقاندىمۇ بىر كىچە كەتمەن چاپقان ئادەمدەك ھېرىپ قوپىمەن . جىسمانىي جەھەتتىن ھىچقانداق بىسىم يوق بولمىسا ، روھىي بىسىم دىگەن چاتاق نەرسىكەن جۇمۇ ! ھەي.... بولدىلا ئارام ئالاي ...........
5-ئاينىڭ 14-كۈنى 21:46 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (0)
بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ، مىنىڭ ئانام شۇنداقلا بارلىق مىھرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن ! ھەر يىلى تېلفوندا ئانامنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلىگەندە ئانام خوشاللىقىدىن يىغلىۋەتكىلى ئارانلا قالاتتى ، قىشىدا بولغان بولسام پىشانەمگە مىھىرلىك قىلىپ بىرنى سۆيۈپ قويار بولغۇيتتى ! بۇ يىلمۇ شۇنداق قىلدىم ، گەرچە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئانام ناھايتىمۇ چوڭ بىر سىناقنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ئاۋازىنى چىقىرىپ مەندىن ئەھۋال سورىدى...جىنىم ئانا ، ئاللاھ سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي ، كىسەل ئازابىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىڭىزغا يار يۆلەكتە بولغاي ! (ئامىن)
5-ئاينىڭ 13-كۈنى 18:25 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (2)
بۈگۈن ھەجەب بەك ھېرىپ كەتتىم ، ئەمما ئىشلار ئازراق بولسىمۇ ئالغا باستى ، ئاللاھ خالىسا يەنە بىر قانچە كۈن تېرىشسام يېڭى بىر خوشخەۋەرنى سىلەرگە يەتكۈزۈشۈم مۇمكىن . ھازىر ئارام ئالاي ، قالغىنىنى ئەتە داۋاملاشتۇرارمەن . ئاللاغا ئامانەت !
5-ئاينىڭ 12-كۈنى 22:03 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (0)
بالدۇرراق ئارام ئىلىڭلار دوستلار! ياخشى چۈش كۆرگەيسىلەر ' ئىنشائاللاھ !
5-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:09 YanFon ئارقىلىق يوللانغان . (0)
ئەجىبا مىنىڭ ئۇيقىسىز كۈنلىرىم يەنە باشلانغانمىدۇ ؟ بۇ ئىشنىڭ تولىلىقىدا جان ئاران قالدى. ئەمدى ئۇيقۇم بولسىمۇ ياخشى بولاپ بەرسە بولىتتى.
5-ئاينىڭ 12-كۈنى 00:06 YanFon ئارقىلىق يوللانغان . (0)
ئېلان كىرىمى پەۋقۇلادە تۆۋەن . زىيارەتچىلىرىمىز ئېلان چىكىشنى خالىمامدۇ ياكى نىمە سەۋەب ئۇقمىدىم ، بۇنداق كېتىۋەرسە بېكەتتىكى ئېلاننىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋەتسەك بولامدۇ نىمە ؟ شۇنچە كۆپ قېتىم كۆرۈلگەن ئېلان ئاران ئۈچ قېتىم چىكىلىپتۇ ، ئۆزەمنىڭ ئېلانىنى ئۆزەم چىكەي دىسەم تېخى ...
5-ئاينىڭ 11-كۈنى 18:13 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (0)
قاچانلاردىن باشلانغىنىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ، ئەزەلدىن ئۆزگەرتمەيدىغان QQ شەخسىي ئىمزانى پات - پات ئۆزگەرتىپ قويىدىغان ، ئۆزۈم كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر قانچە دوستۇمنىڭ شەخسىي ئىمزاسىغىمۇ خېلىلا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . گەپنىڭ راستىنى ئىيتقاندا شەخسىي ئىمزا تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ قاپتۇ ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالاقىلاشمايدىغان ، ئەمما يەنىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرەسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىشتا شەخسىي ئىمزا ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن ! مەن دىققەت قىلىۋاتىمەن ھەم داۋاملىق شۇنداق قىلىمەن !
5-ئاينىڭ 10-كۈنى 21:49 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (0)
ئويلاپ باقسام مىكروبىلوگىمغا ئادىرىس قىستۇرۇپ باقماپتىمەن ، تۇيۇقسىز ئويلاپ قالدىم ، قىستۇرۇپ قويسام قانداق بولىدىغاندۇ ؟ شۇڭا سىناق قىلىۋاتىمەن مانا . http://oghlan.net/a/news/studio/2012/0218/izbasar01.html
5-ئاينىڭ 9-كۈنى 17:02 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (1)
مىكرو بىلوگىمنىڭ يانفوندىكى ھالىتى . يۆنىلىشىنى تەڭشەپ قويمىسام بولماپتۇ . ئىشلىتىۋاتىقىنىم Android 4.0.4 سېستىمىسى . ئۇيغۇرچىنى يۈز پىرسەنت قوللايدۇ . PS. يانفونۇمغا قاچىلانغان خەت نۇسخىسى چىرايلىقمىكەن ؟
5-ئاينىڭ 9-كۈنى 15:15 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (2)
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئىشلىرى تېزراق ئاياغلاشسا بولاتتى . ھېلى ئۇنى ھېلى بۇنى دەپ بەك سەت ئىچىمنى سىقىۋەتتى . تاپشۇرۇپلا بىر قۇتۇلسام بۇ ئالۋاڭدىن ....
5-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:26 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (0)
مىكروبىلوگ دىگەننى يانفوندا ئوينىسا پەچەت بولىدۇ جۇما! خالىغان ۋاقىتتا يېڭىلىيالايدىغان بولدۇم.
5-ئاينىڭ 9-كۈنى 13:06 YanFon ئارقىلىق يوللانغان . (0)
ئىزدىنىش مىكروبىلوگىنى ئېچىۋالدىم ، خەت چەكلىمىسىنىمۇ بۇزۇپ خالىغانچە ئۇزۇنلۇقتا خەت يازغۇدەك قىلدىم ، ئىشقىلىپ بىلوگ مىنىڭ ، نىمە دىگۈم كەلسە شۇنى دەۋىرىمەن ، بەزىدە ئۇزۇن ، بەزىدە قىسقا جۆيلۈپ قويۇشۇم مۇمكىن .
5-ئاينىڭ 9-كۈنى 12:31 Computer ئارقىلىق يوللانغان . (0)
جەمئىي 13 پارچە
ئىستاستىكا:24 سائەت ئىچىدە 0 پارچە ... بىر ھەپتە ئىچىدە 3 پارچە ... جەمئىي 13 پارچە مىكروبلوگ يوللاندى